تالىبان دۆلەتئابادتىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان فەرياب ۋىلايىتىنىڭ دۆلەتئاباد ناھىيەسىدە پەيدا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا ئىككى ساقچى بىلەن ئۈچ مۇھاپىزەتچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تالىبان دۆلەتئابادتىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتئاباد ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نېمەتۇللاھ توفان، تالىباننىڭ دۆلەتئابادنىڭ چاغاتاق رايونىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ئىككى ساقچى بىلەن ئۈچ مۇھاپىزەتچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تالىباننىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ساقچى پونكىتىدىكى تالىبان بىلەن چېتىشلىق بىر ساقچىنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تالىبان مەزكۇر ھۇجۇم توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر