شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

شىمالىي كورېيە، گۇئام ئاراللىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، ئامېرىكىغا قارشى ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، قوللىرىنىڭ (قورالنىڭ) تەپكىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرى ۋىل رىپلېينىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، «بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا قانچە قېتىملاپ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى» نى خاتىرىلەتكەن ھالدا، بۇنىڭ گۇئامنى يايما ھالەتتە ئوق تۇتۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

شىمالىي كورېيەنىڭ باياناتىدا، «ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئوت بىلەن تەربىيەلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىمەكتە ۋە ئەڭ ئېغىر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، قوللىرىمىزنىڭ تەپكىگە بېرىشىغا يول قويماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شىمالىي كورېيە، ئاۋغۇست ئېيىدا گۇئامغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئارقىدىن ئارالنى توپقا تۇتۇشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل ئامېرىكىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا بولسا، ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى بېسىپ ئۆتكەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇن، بۇنىڭ گۇئامغا قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر