مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋەھىيملىك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ ۋەھىيملىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋەھىيملىك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلغان دۆلەت تۈركىيە ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كومىسسارلىقى دۇنيا مىقىياسىدا ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كومىسسارلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر ئۆز دۆلىتىدە ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى 400 مىليون 300مىڭغا يەتكەن بولسا، دۆلەت سىرتىغا قاچقانلارنىڭ سانىمۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا 22 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن.

ئۆزگە دۆلەتلەردىن رەسمىي سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى 2مىليون 800 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر مىنۇتتا 20كىشى مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇلتۇر دۇنيا مىقىياسىدا مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە چۈشۈپ قالغانلارنىڭ سانى 2015-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 300مىڭ ئاشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بۇلتۇر تۈركىيەدە تەخمىنەن 2 مىليون 900مىڭ مۇساپىرنىڭ بارلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مۇساپىرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيەدىن قالسا پاكىستان 1 مىليون 400مىڭ مۇساپىرغا، لىۋىيە بولسا تەخمىنەن بىر مىليون مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

كومىسسارلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەدىن 5 مىليون 500 كىشى، ئافغانىستاندىن 2 مىليون 500مىڭ كىشى، سۇداندىن 1 مىليون 400مڭ كىشى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى بالىلار تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بەكرەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن سىياسىي پاناھلىق تىلىمەكتە.

كومىسسارلىق ئالىي مەسئۇلى فىلىپپو گىراندى  يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىگە ئايلانغان مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

گىراندى يەنە دۇنيانى مۇساپىرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ۋە كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر