چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 14.06.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 14.06.2017

ئەنگلىيەدىكى رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەردوغان قاتارنىڭ يېتىم قالدۇرۇلۇشى ئىسلام روھىغا زىت،دېدى »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى سۇندى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارنىڭ قوشنا دۆلەتلەر تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنىڭ ئىسلامنىڭ روھىغا زىت بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:<قاتار مەسىلىسىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈلدى، بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنى ھەر جەھەتتىن پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇرۇش ئىنسانىيلىققا سىغمايدۇ، گويا قاتارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغاندەك ئىشلار بولدى. قاتار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئاكتىپ كۈرەش قىلىپ كەلدى، قاتارغا تۆھمەتلەرنى چاپلاپ بۇ دۆلەتنى ئەيىبلەشنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق>. سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتارغا ئېغىر ئىمبارگولارنى قويۇپ 8 كۈندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەردوغاننىڭ قاتار كىرىزىسى توغرۇلۇق بەرگەن بۇ باياناتى قاتارنىڭ رايوندا يالغۇز ئەمەسلىكىنى  ۋە كۈچلۈك ئىتتىپاقدېشىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئىتالىيەدىكى SKANEWSگېزىتى «ئەردوغان ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى تەھدىتتۇر، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «بۇ يىل 25-سېنتەبىردە ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھاكىمىيىتىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:<شىمالىي ئىراقنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا تاشلىغان بۇ قەدىمى ئېغىر خاتالىق بولۇپ،  بۇ  ئەھۋال ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىتتۇر>، بۇنداق رېفېراندۇمنىڭ ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: <ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى داۋاملىق ياقلاپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياقلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز>.»

ئىران پارس خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە توقۇنۇشسىز رايونلارنى بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېلىشتۇق»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە بىر قىسىم كېلىشىملەرنىڭ ھاسىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. قاسىمى تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە توقۇنۇشسىز رايونلار بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ۋە نۆۋەتتە بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. قاسىمى مەيلى ئاستانا مۇزاكىرىلىرىدە بولسۇن مەيلى باشقا ئەھۋاللاردا بولسۇن ئىراننىڭ  تۈركىيە بىلەن مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.»

ئەنگلىيەدىكى ئەل ھايات گېزىتى «مىسىر سۇۋەيىش قانىلىنى تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا تاقىۋەتمەيدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «مىسىر تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە قاتارغا قاراپ يولغا چىققان تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت بېرىش ياكى بەرمەسلىكى مەسىلىسى توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، سۇۋەيىش قانىلىنىڭ خەلقئارالىق ئۆتۈش ئېغىزى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولغانلىقتىن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن مۇنداق مۇستەسنا بىر ئەھۋال بار: ناۋادا مىسىر بىلەن مەلۇم بىر دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەن بولسا ئۇ دۆلەتنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قاتارنى بايقۇت قىلىش قارارى ئۇرۇش ھالىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىدىن، شۇڭا سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىنمايدۇ.»

گېرمانىيەدىكى DEUTSCHE WELLE گېزىتى «مېركېل  رايون دۆلەتلىرىنى قاتار كىرىزىسىگە چارە تېپىشقا چاقىردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتار كىرىزىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن سىرت ئىران ۋە تۈركىيەنىڭمۇ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. مېكسىكا زىيارىتىدە سۆز قىلغان ئانگېلا مېركېل رايوندىكى دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپ قاتار كىرىزىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاتار كىرىزىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن مېركېل:<سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋىيەدىكىگە ئوخشاش، بەزى دۆلەتلەر مۇزاكىرىلەرنىڭ سىرتىدا قالغان ئەھۋالدا كىرىزىسلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا قاتار كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ رولى تولىمۇ مۇھىمدۇر>دېدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر